ئەردوغان بىلەن مېركېل ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەسەدكە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە كۆرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن مېركېل ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ 7-ئاپرېلدا دۇماغا قىلغان ھۇجۇمىدا خىمىيەۋى قوراللار ئىشلىتىلىشىگە قارىتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان بىلەن مېركېل، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر