جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنى چاقىرىلدى

بۈگۈن ئەنقەرەنىڭ ئوڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرسى مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنى بولدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى ئىقتىساد بولىدۇ.

تۈركىيەگە ئامېرىكا تەرىپىدىن قىلىنغان ئىقتىسادىي ھۇجۇمغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاشقى پېرېۋوت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

خامچوتتىكى تەرتىپ - ئىنتىزامنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەش ۋە مۇھىم بولغان ئىسلاھاتلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىق تېمىلارمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدا يەنە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، دۆلەت ئىجى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر