ترامپنىڭ مال – مۈلكى كەم دېگەندە 1 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مال – مۈلكىنىڭ كەم دېگەندە 1 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ مال – مۈلكى كەم دېگەندە 1 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ شىركەتلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن 16 ئاي ئىچىدە كەم دېگەندە 596 مىليون دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 315 مىليون دوللار قەرز بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەخلاق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مال – مۈلكى توغرۇلۇق بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ شىركەتلىرى 596 مىليون دوللارلىق كىرىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى گولف توپ مەيدانلىرىدىن قازانغان.

فلورىدانىڭ پالم بىچ شەھىرىدىكى مارا لاگو ساياھەت مۇئەسسەسەلىرى بىلەن گولف توپ مەيدانى يىللىق ئەزالىق بەدىلىنى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 100 مىڭ دوللاردىن 200 مىڭ دوللارغا چىقارغانىدى.

ترامپنىڭ مال – مۈلۈكلىرى توغرۇلۇق بەرگەن مەلۇماتىدا، بەزى دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان ۋە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن مارا لاگودىكى خۇسۇسىي شىركىتىنىڭ 37 مىليون 200 مىڭ دوللار كىرىم قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ترامپنىڭ ئاق سارايغا يېقىن يېڭى مېھمانسارىيىمۇ 2016 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان 20 مىليون دوللار ئەتراپىدا كىرىم قىلدى.

ئۆي – مۈلۈك مىلياردېرى ترامپ مەلۇماتىدا، ئومۇمىي مال – مۈلكىنىڭ كەم دېگەندە 1 مىليارد 400 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ترامپ قانچىلىك باج تۆلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىگەن ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر پىرېزىدېنتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مال – مۈلكىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ترامپنىڭ مال – مۈلكى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇنىڭ شىركەتلىرىدنىڭ كىرىمىدىن باشقا يەنە، دۇشې بانكىسىدىكىسى بىلەن قوشقاندا كەم دېگەندە 315 مىليون دوللار قەرزى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر