زەيبەكچى قاتارغا يوللانغان ياردەملەرنىڭ مىقدارى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، تۈركىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

زەيبەكچى قاتارغا يوللانغان ياردەملەرنىڭ مىقدارى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس چىققان قاتارغا 71 ئايروپىلان بىلەن 5 مىڭ توننا ئاشلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قاتار خەلقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى، «مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا پاراخوتلىرىمىزمۇ يولغا چىقىدۇ. يۈك ماشىنىلىرىمىز بولسا، يولدا. ھەممە شۇنى بىلىپ قالسۇنكى، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كىمكى موھتاج ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا، بىز تەرەپكە قارىدى، بۇ ئېزىز مىللەت ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ھېچبىر نەرسىگە قارىماستىن ئۇ يەردە بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر