ئامېرىكىدا ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسى تەستىقلاندى

ئامېرىكا پالاتاسى ھۆكۈمەت تاقالغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكىدا ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېرال ھۆكۈمەتنى 2018 – يىلى 23 – مارتقىچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسى تەكلىپى پالاتادا 28 گە قارشى 71 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئامېرىكا پالاتاسى فېدېرال ھۆكۈمەت تاقىلىپ تەخمىنەن 2 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن 6 ھەپتىلىك ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، خامچوت لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم – چىقىم ئىشلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئۇدا 2 يىل بىكار قىلىنىشى ۋە قەرز تۆلەش مۇددىتىنىڭ 2019 – يىلى مارتقا كېچىكتۈرۈلۈۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھەنىڭ بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

جۇمھۇرىيەتچى كېنتاكى پالاتا ئەزاسى راند پاۋلنىڭ مۇنبەرنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، 2 يىللىق خامچوت لايىھەسى تەكلىپىنىڭ تەستىقلىنىشىغا يول قويماسلىقى، ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش باسقۇچىغا سەۋەب بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر