بەردىمۇھەممەدوۋ: بۇ كۈن تۈركمەنىستاننىڭ تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدۇ

تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان (تاپى) تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئافغانىستان قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى 23 – فېۋرالدا باشلىنىدۇ.

بەردىمۇھەممەدوۋ: بۇ كۈن تۈركمەنىستاننىڭ تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەن ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى باشلاشقا دائىر تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23 – فېۋرالدا يەنە تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان ئېنېرگىيە لىنىيەسىنىڭ ئۇل تېشىنى قويۇش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، دۆلىتىنىڭ رايوندا تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدىن باشقا بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە تېلېكوم، قاتناش ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ساھەلىرى بويىچە مۇھىم پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «23- فېۋرالدا بىز ھەمكارلىق ئورناتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ لىدېرلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۈركمەن گازىنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزىدىغان تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى باشلىشىمىز، مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ دۆلىتىمىز تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر