بىتكوئىننىڭ ھېكايىسى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «بىتكوئىننىڭ ھېكايىسى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

بىتكوئىننىڭ ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «بىتكوئىننىڭ ھېكايىسى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

يېقىنقى يىللاردا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپىدە ناھايىتى كەڭ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان رەقەملىك دەۋرنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدىغان  رەقەملىك پۇللار ھەم ئىقتىسادىي ئاكتىيورلار ھەم خەلق  تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە. دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان رەقەملىك پۇللارنىڭ ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بىتكوئىننىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە قىممىتى ئېشىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، رەقەملىك پۇللارنىڭ قىممىتىنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مۇۋازىنىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى قايسى يۆنىلىشكە باشلايدىغانلىقى ئايرىم بىر قىزىقىش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئالدى بىلەن، رەقەملىك پۇللار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ماڭغان بىتكوئىن يېقىندىن تەكشۈرۈلىدىغان بولسا، بۇ ھېكايىنىڭ 2008 – يىلىدا ساتوشى ناكاموتو تەرىپىدىن يېزىلغان «بىتكوئىن: باشتىن ئاخىرغىچە ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش سىستېمىسى» ناملىق ماقالىنى تايانچ قىلىدىغانلىقى نامايان بولىدۇ. مەيلى بانكىچىلىق سىستېمىسىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلىرى بولسۇن، مەيلى كىرىزىستىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىشەنچنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار بولسۇن، بەزى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ماقالىنىڭ، ۋاقىت جەھەتتىن مۇشۇنداق بىر چاغقا توغرا كېلىپ قېلىشى يېڭى بىر چىقىش يولىنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر.

پۇل – مۇئامىلە بازىرىغا قەدەم باسقان 2010 – يىلىدىكى قىممىتى پەقەت 0.07 دوللار بولغان بىتكوئىن، 2013 – يىلى 266 دوللارغا چىقىپ، ئەڭ كۈچلۈك ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، 2017 – يىلىغا كەلگەندە، يىلسېرى ئېشىپ ماڭغان بۇ قىممەتنىڭ پەرقلىق بىر بالداققا ئۆرلىگەنلىكى كۆرۈلدى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 2017 – يىلىنىڭ بېشىدا قىممىتى 960 دوللار بولغان بىتكوئىننىڭ باھاسى يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 20 مىڭ دوللارغىچە ئۆرلىدى.

قىممىتى بىر يىل ئىچىدە 20 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بىتكوئىن، گەرچە دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچ ئامىلىنى قايتىدىن تىكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال، ئىشەنچ ئۇ ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، پۈتۈنلەي پەرەزلەرگە تايىنىدىغان بىر خىل پۇل بىرلىكىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسىلە پەقەت بۇ خىل تېز ئېشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. 2017 – يىلى 20 مىڭ دوللارغا چىققان بىتكوئىننىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى 8600 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، باشتا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىممىتى 20 ھەسسە ئېشىپ، ئارقىدىن 10 ھەسسە چۈشۈپ كەتكەن بۇنداق بىر پۇل بىرلىكىنىڭ نە ئورگانلار، نە شەخسلەر ئۈچۈن ئاقىلانە سېلىنما ۋاسىتىسى ئەمەسلىكى ۋە بولالمايدىغانلىقى ناھايىتى روشەن ھالدا نامايان بولدى. بۇ ئەھۋال، بىتكوئىننىڭ بىر شاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە.

يەنە، بىتكوئىن مەسىلىسىدە نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بار. بىتكوئىن 21 مىليون دانە بىلەن چەكلەنگەن بىر پۇل بىرلىكى بولۇپ، 2017 – يىلىغا كەلگەندە ئايلىنىۋاتقان 16 مىليون 762 دانە بىتكوئىن بار. دېمەك، باھاسى تەكلىپ – تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بۇ پۇل بىرلىكىنىڭ بازارغا سېلىنىشىدا كۆرۈنەرلىك ئازىيىش كۆرۈلىدۇ. يەنە كېلىپ، بىتكوئىن ۋە باشقا رەقەملىك پۇللارنىڭ ئارقىسىدا ھېچقانداق نوپۇزلۇق ئورگان ۋە كونترول قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ بولماسلىقى، بۇلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى نۇقتىسىدىن ئېغىر مەسىلىلەرگە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ماددىي جەھەتتىن ھېچقانداق تۇتقىغا ئىگە بولمىغان بۇ پۇل بىرلىكى پەقەت رەقەملىك مۇھىتتىلا قىممەتكە ئىگە بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەقەملىك مۇھىتتا بېجىرىلىدىغان بارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولماسلىقىمۇ بىرەر خاتالىق ياكى سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە تەقدىردە، بۇنىڭغا مەسئۇل شەخس ياكى ئورگانلارنى تېپىش ۋە ھەق – ھوقۇقىنى ئىزدەش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا، رەقەملىك پۇللار رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىلىش يولى بىلەن جەزبىدار ھالەتكە كېلىش مۇمكىنچىلىكىدۇر. بۇ ئەھۋالنىڭ ھەم دۆلەتلەر ھەم دۇنياۋى كۆلەمدە ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، نە بىتكوئىن نە باشقا رەقەملىك پۇللار نىڭ مەيلى پەرەزلەرگە ئوچۇق بولۇش، مەيلى مۇقىملىق ۋە سىجىللىق جەھەتتىن بولسۇن، كونكرېت تايانچلىرىنىڭ بولماسلىق ۋەياكى قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولماسلىق جەھەتتىن بولسۇن، ئىشەنچلىك سېلىنما ۋاسىتىسى ئەمەسلىكى نامايان بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر