ئانتالياغا بۇ يىل 12 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە

«ئاقدېڭىزدىكى مەرۋايىت شەھەر» ھېسابلىنىدىغان ئانتالياغا بۇ يىل 12 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئانتالياغا بۇ يىل 12 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىز ساياھەتچىلىك ئىشلىرى كارخانىلىرى ۋە مېھمانسارايلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەركان ياغجى دۇنيا مىقياسىدا ساياھەت قىلىۋاتقان كىشىلەر سانىنىڭ 2016-يىلغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %7 ئېشىپ، 1 مىليارد 322 مىليونغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى < ئاقدېڭىزدىكى مەرۋايىت شەھەر > ھېسابلىنىدىغان ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىنى، جۈملىدىن ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 12 مىليونغا يېتىشىنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر