لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا قىزىل رەقەم تۆۋەنلەيدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا قىزىل رەقەم تۆۋەنلەيدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا قىزىل رەقەم تۆۋەنلەيدۇ

لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا قىزىل رەقەم تۆۋەنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا قىزىل رەقەم تۆۋەنلەيدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق تۈركىيەدە قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان، شۇنداقلا قىزىل رەقەمنىڭ تۆۋەنلىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە ھەسسە قوشىدىغان قۇرۇلۇش – لايىھەلەرگە بېرىلىدىغان 135 مىليارد لىرالىق رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئىقتىسادتا ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى بازىرىغا ئىجابىي ھەسسە قوشىدىغان بۇ رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىدا قانداق تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىگە بىر قاراپ چىقايلى.

لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىرتقا بولغان بېقىندىلىقى ئازايتىلىدۇ، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركەزلىك قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچەيتىلىپ، قىزىل رەقەم تۆۋەنلىتىلىدۇ... بۇ دائىرىدە يۇقىرى مەبلەغلىك سېلىنمىلارنى ئالاھىدە قوللاش مېخانىزملىرى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى نىشان قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، بۇ ئېشىشنى قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ تەشكىل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ياردىمى، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ياردەملىرى، مالىيە ياردەملىرى، سېلىنما ئورنىغا ئالاقىدار ياردەملەر دېگەندەك كاتېگورىيەلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىش تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، قوشۇمچە قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش دېگەندەك ياردەملەرنى كۆرسەتسە؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار كاتېگورىيەسى 10 يىلغىچە ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىگە سۇغۇرتا پېيى ياردىمى بېرىش، 10 يىل بويىچە كىرىم بېجىدا ئېتىبار بېرىش ۋە ئىقتىدارلىق خادىم ياردىمى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مالىيە مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، بۇ يەردىمۇ ئېنېرگىيە ئىستېمال چىقىمىنىڭ %50 نى ئەڭ كۆپ 10 يىل بويىچە كۆتۈرۈش ياردىمى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سېلىنما يېرى جەھەتتە بولسا، 49 يىللىق ھەقسىز سېلىنما ئورنى ئاجرىتىپ بېرىلىدىغانلىقى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۈستقۇرۇلما ياردىمى بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش لازىم. يەنە، بۇ كاتېگورىيەلەر ئاستىدا ئورۇن ئالمىغان كۆپلىگەن ياردەم تۈرلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە.

كېلەيلۇق، بۇ ياردەملەر قايسى شىركەت ۋە قانداق لايىھەلەرگە بېرىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە. بۇ رىغبەتلەندۈرۈش ياردەملىرى 19 شىركەتنىڭ 23 لايىھەسىگە بېرىلىدۇ. ئەلۋەتتە، شىركەتلەر ۋە لايىھەلەرنى بېكىتىشتە ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىينەزەر بىلەن تاللانغانلىقىنى ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېفىت خىمىيە، مۇداپىئە سانائىتى، قاتناش سىستېمىلىرى، ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرى، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەلىرىنىڭ تاللىنىشى ۋە بۇ ساھەلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان زور چىقىملىق سېلىنمىلارغا مەيلى مالىيە مەيلى ئەمگەك كۈچى، مەيلى باج جەھەتتە بولسۇن، قولايلىق يارىتىپ بېرىلىپ، بۇ ساھەلەرنىڭ تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى يارىتىشى نىشان قىلىنماقتا.

بىراق، بۇ يەردە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتا، بۇ رىغبەتلەندۈرۈش ياردەملىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىدا قانچىلىك ئەكس ئېتىشىدۇر.  مەلۇمكى، تۈركىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017 – يىلى 157 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى. ئالدىمىزدىكى يىللارنىڭ ئېكسپورت نىشانى تەبىئىي ھالدا بۇ ساندىنمۇ ئېشىپ كېتىشتۇر. بۇ ئۇتۇقنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىدا لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سايىسىدا ئېكسپورتتا 6 مىليارد دوللارلىق ئېشىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا. بۇ سىستېمىنىڭ ئېكسپورت بىلەن بىرلىكتە ئىمپورتنىمۇ 12 مىليارد دوللار تۆۋەنلىتىپ، قىزىل رەقەمدە 19 مىليارد دوللارلىق ئازىيىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى تەخمىن قىلىنماقتا. مانا بۇ سانلىق مەلۇماتلار لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش ياردەملىرى سايىسىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان قىزىل رەقەمنى ئازايتىش يولىدا تولىمۇ كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ياردەم بېرىلگەن مەزكۇر سېلىنمىلارنىڭ ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرىپىمۇ بار. لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش ياردەملىرى دائىرىسىدە بىۋاسىتە 34 مىڭ، ۋاسىتىلىك ھالدا 134 مىڭ ئىش پۇرسىتى يارىتىلىدىغان بولۇشى، بۇ رىغبەتلەندۈرۈشلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدىكى ئىجابىي تەسىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تېخنولوگىيە سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن يىراق قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ ئىلغار ۋە ئوتتۇرا تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلات ئېكسپورتىدا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيەنى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ رىقابەتچى ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.

بۇ دائىرىدە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشنى قوللايدىغان قۇرۇلمىسى بىلەن دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن لايىھە مەركەزلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى، ھەم تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە ھەم دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە تېخىمۇ رىقابەتچى ئورۇنغا ئىگە بولۇشىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ، سېلىنما ۋە ئېكسپورتقا تايانغان كۈچلۈك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بۇ رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى ئارقىلىق سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانىغا دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر