تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى مارت ئېيىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %1.6 چۈشۈپ، %10.1 كە تۆۋەنلىدى.

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  بۇ مەزگىلدە ئىشسىزلىارنىڭ سانى 432 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 210 مىڭغا تۆۋەنلىگەن.

سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارت ئېيىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىجابىي بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر خانىلىق رەقەمگە چۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر