ئامېرىكا خىتايغا يەنە قوشۇمچە باج قويىدىغان بولدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ئامېرىكا خىتايغا يەنە قوشۇمچە باج قويىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىلگىرى قويۇلغان قوشۇمچە باجغا جاۋابەن خىتاينىڭمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش دەرىجىدە باج قويغانلىقى سەۋەبىدىن 200 مىليارد دوللارلىق يېڭى قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

دونالد ترامپ ئاقسارايدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىكى ئورگىنى «USTR»غا 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا 6ئىيۇلدا يولغا قويماقچى بولغان 50 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە باج پىلانىغا جاۋابەن ئوخشاش دەرىجىدە قوشۇمچە باج ئېلان قىلىشىنى ئېغىر تىللار بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«جۈمە كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىمىزنى ئېلان قىلدىم. بۇ باج پىلانى خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە يېڭىلىق جەھەتتىكى ئادالەتسىز قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلاتتى. ئەپسۇسكى بۇنىڭغا قارشى خىتاي، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا باج قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ پىكىرىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكىسىغا قاراتقان ئادالەتلەتسىز قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوق ئوخشايدۇ. بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق خاتالىقى بولمىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ۋە ئامېرىكا خادىملىرىغا تەھدىت سالماقتا»

دونالد ترامپ باياناتىدا، بۇ ئەھۋاللارنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينى مەزكۇر قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە خىتاي بازىرىنى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئېچىشقا ھەمدە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ تەڭپۇڭلۇققا ئىگە سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ماقۇلغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئامېرىكاخىتاي سودىسىنىڭ باراۋەر سەۋىيەدە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «شۇڭا مەن ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىكى ئورگىنى <USTR>غا خىتاينىڭ 200 مىلياردلىق مەھسۇلاتىغا %10 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم. بۇ باج پىلانى خىتاي پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان ياكى يېقىندا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارشى ئېلان قىلغان باج پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان تەقدىردە، قانۇنلۇق رەسمىيەت باسقۇچى تاماملانغاندىن كېيىن دەرھال يولغا قويۇلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ باياناتىدا، ئەگەر خىتاي بۇنىڭىغىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرسا قانداق يول تۇتىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ئەگەر خىتاي باج پىلانىنى قايتىدىن ئۆستۈرىدىغان بولسا، بۇ 200 مىليارد دوللارلىق باج پىلانىغا يەنە قۇشۇمچە تاموژنا باجلىرىنى قويۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ سۇيىئېستېمال قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى خىتايدىن ئېمپورت قىلىنغان 50 مىليارد دوللارلىق تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا 2018يىلى 6 - ئىيۇلدىن باشلاپ، %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان 50 مىليارد دوللارلىق 659 خىل مەھسۇلاتقا %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر