ئىران نېفىت باھاسىنى چۈشۈردى

ئىران نېفىت بازالىرىدىكى تەلەپ ۋە باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ باھا چۈشۈرۈشىگە قاراپ چىققاندىن كېيىن، نېفىت باھاسىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىران نېفىت باھاسىنى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇل ئەمەلدار ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نېفىت باھاسىنى چۈشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا نېفىت بازارلىرىدىكى تەلەپ ۋە باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ باھا چۈشۈرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش قارارىنى چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن مەسئۇل ئەمەلدار: «خېرىدارلارغا ئېتىبار قىلىش، بارلىق نېفىت ئېكسپورتچىلىرى تەرىپىدىن قىلىنىدىغان خەلقئارا نېفىت بازارلىرىدىكى ئاساسلارنىڭ بىر پارچىسىدۇر.»

بىراق، مەزكۇر مەسئۇل ئەمەلدار نېفىت باھاسىنى قانچىلىك چۈشۈرگەنلىكلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. بەزى تاراتقۇلار ئىراننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىن تارتىپ نېفىت سېتىشتا 80-60 سىنت ئەتراپىدا چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىران كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 200 مىڭ ۋارىل بولغان خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىنى خىتاي ۋە ھىندىستانغا، %25 نى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە، يەنە بىر قىسمىنى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەگە قىلىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە   ئامېرىكانىڭ 5-نويابىردا ئىجرا قىلىدىغان ئىران نېفىتىنى نىشان قىلغان ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر