رۇسىيە: دوللارغا قارشى يېڭى خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

رۇسىيە دوللارغا قارشى يېڭى بىر خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان دوللارنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە: دوللارغا قارشى يېڭى خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى «Duma» نىڭ مالىيە بازارلىرى كومىتېتى باشلىقى ئاناتولى ئاكساكوۋ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بېسىم ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ يېڭى خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى شەكىللىنىشىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

ئاناتولى ئاكساكوۋ «دوللارغا قارشى يېڭى بىر خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان دوللار ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دونيادىكى تەسىرىمۇ يوقىلىدۇ» دېدى.

ئاكساكوۋ بەش دۆلەت بىرلىكى «BRICS» نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى بولغان بېرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئۆزئارا پۇل مۇئامىلىدە يېڭى بىر پۇل بىرلىكىنى شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكىنى مۇزىكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئاكساكوۋ بەش دۆلەت بىرلىكى «BRICS» گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ۋە دۇنيا سانائەتىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يېڭى خەلقئارالىق پۇل بىرلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش باسقۇچى 5 يىل ئىچىدە تاماملىنىشى مۇمكىن. بۇمۇ ئامېرىكىغا باغلىق. ئامېرىكا دوللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىتا قانچە بېسىم ئىشلەتسە، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆزئارا پۇل مۇئامىلىدە دوللارنىڭ ئىشلتىلىشىگە شۇنچە قارشى چىقىشقا باشلايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر