قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (24)

تۆۋەندە سۈرە ھىجىرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (24)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (24)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئىبراھىمنىڭ ئاتىلىشى، قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە ھىجىرنىڭ ئاتىلىشى، قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى  ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ھىجىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى 80- ئايىتىدىكى "كَذَّبَ أَصْحَابُ الحِجْرِ الْمُرْسَلِينَ" «ھىجرىلىكلەر پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى» دېگەن سۆزدىن ئىلىنغان.

نازىل بولغان ۋاقتى:

مەزمۇنىدىن ۋە بايان ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا بۇ سۈرىنىڭ سۈرە ئىبراھىم بىلەن ئۇلىشىپ نازىل بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنى ئارقا كۆرىنىشىدە مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىك نامايەن بولىدۇ. بىرىنچىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلىۋاتقىنى خېلى ئۇزۇن زامان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاب قىلىنىۋاتقان قەۋم تەرسالىقتا، قارشىلىشىشتا ۋە زۇلۇم – سىتەم قىلىشتا چىكىگە يەتكەن بولغاچقا چۈشەندۇرۇش ئازراق، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەنبىھ قىلىش تۈسى تېخىمۇ قويۇقراق گەۋدىلىنىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئۆز قەۋمىنىڭ خۇددى تاغ، چۇقىلىرىدەك قاتمال كۇپىرلىق ۋە قارشىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئاز ھارغۇنلۇق يەتكەن، ئۈمۈتسىزلىنىش كەيپىياتى قايتا – قايتا چىرمىۋېلىپ بارغانلىقى، بۇنى كۆرگەن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بىرىپ، ھىممىتىگە ھىممەت قوشىۋاتقىلى نامايەن قىلىنىدۇ.  

**** ** *** **** **** ***** ****

قىسقىچە مەزمۇنى:

سۈرىدە دەل مۇشۇ ئىككى تېما يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلار بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ، خىزمىتىگە توسقۇنلۇق  قىلىۋاتقانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولسا، تەسەللى ۋە ھىممەت بېرىش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ «سۈرىدە چۇشەندۇرۇش ۋە نەسىھەت قىلىش يوق" دېگەنلىك بولمايدۇ. ئاللاھ تائا قۇرئاننىڭ ھىچقانداق يېرىدە يالغۇز تەنبىھ، تەنە، مالامەتلەر بىلەنلا ئىش تۇتقان ئەمەس، بەلكى شۇنچە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مالامەت قىلىش داۋامىدىمۇ نەسىھەت بىلەن چىرايلىق چۇشەندۇرۇشنى قەتئىي كېمەيتىپ قويمىغان. شۇڭلاشقا بۇ سۈرىدىمۇ بىر تەرەپتە يېغىنچاق قىلىپ تەۋھىدكە دالالەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن شەيتاننىڭ قىسسىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق چىرايلىق نەسىھەت قىلغان.      

**** ** *** **** **** ***** ****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە نەھىلنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر