06.04.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

06.04.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «رايوندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلە، بالا – چاقىلىرىغا ۋە ئۆي – ماكانلىرىغا مۇسەللەت بولغان بۇ قاتىللار گۇرۇھىنى ئەمدى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، بۆلگۈنچى تېرررلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئافرىندا سىرىتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزىنى داۋالىتالمىغان سۈرىيەلىك ئۆسمۈرنىڭ ياردىمىگە تۈركىيە دوختۇرلىرىنىڭ يېتىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك ئىنتېرنېت تور بېتى، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ تۈركلەرنىڭ تارىخىدا ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ «S-400» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ تۈركىيەگە 2019 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەدىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈچۈن مەرسىندە ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.  

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «رۇسىيە بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىمىز 100 مىليارد دوللارغا يەتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە بىلەن چوڭ لايىھەلەردە ئورتاق بولۇشتا بىرەر خەۋپ ئامىلى بار، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» تۈركچە بۆلۈمىنىڭ ئىنتېرنېت بېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مەسلىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغنىڭ ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ لايىھە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» تۈركچە بۆلۈمىنىڭ ئىنتېرنېت بېتى، ئەنقەرەدىكى ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىينىڭ، «نويابىردىكىگە ئوخشاش يەنە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەنلىكلىرىنى ۋە ئەردوغاننىڭ بولسا، «زېمىن ئىگىلەش ھەرىكىتىگە قىزىقمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئاخبارات ئورگىنى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەنقەرەدىكى ئالىي دەرىجلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، سۈرىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا تور بېتى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغنىڭ سۈرىيەنىڭ تەل رىفات رايونىنىڭمۇ بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ دىن تازىلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر