20.04.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

20.04.2018

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ھېچ قايسى تەرەپنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئىران، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن پەرقلىق، ئۆزىگە خاس سىياسىتى بارلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» تۈركچە تور بېتى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئايدىنغا قاراشلىق دىدىم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئانتروفوتوس چوققۇسىغا قادالغان گىرېتسىيە بايرىقىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ۋاقتىنى 24ئىيۇن دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىستانبۇلنىڭ «تۈرك كۈلتۈرى ۋە تارىخى مۇنبەر يىغىنى» غا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى «CCTV»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بوسنىيە گىرېتېىگوۋىنانىڭ «Oslobodjenje» تور بېتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان دۆلەت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە ئاۋاازى رادىيوسى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ گىرېتسىيەنى كۈشكۈرتكۈچىلىكتىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى پېتېر ئالتمايېرنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تېلېفوندا نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

فىرانسىيەنىڭ «Euronews» تور بېتى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈركىيە دوكلاتىنىڭ بىتەرەپ ۋە تەڭپۇڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك تورى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى سۆھبەتلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر