مايك تايسون ئەردوغان بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئاتاقلىق بوكس چولپانى مايك تايسون ئەردوغان بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن مۇرات ئىسىلاكتىن يارىدەم تەلەپ قىلدى.

مايك تايسون ئەردوغان بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتاقلىق بوكس چولپانى مايك تايسون تۈركىيەگە كەلگىنىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى زىيارەت قىلىپ، ئۆزى بىلەن تۇنۇشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاتاقلىق بوكس چولپانى مايك تايسون تۈركىيەدە تونۇلغان خەلق ناخشىچىسى ئۇغۇر ئىسىلاكنىڭ فىلىم ئىشلىگۇچى ئىنىسى مۇرات ئىسىلاك بىلەن كۆرۈشتى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر پائالىيەت ئۈچۈن مۇرات ئىسىلاكنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان مەشھۇر بوكىس ماھىرى: «ئۆكتەبىردە تۈركىيەگە كەلگىنىمدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغاننى زىيارەت قىلىشنى ۋە ئۆزى بىلەن تونۇشۇشنى خالايمەن» دېدى ۋە بۇ جەھەتتە مۇرات ئىسىلاكنىڭ يارىدەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر