جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە مەركىزى تۇنجى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە مەركىزى «CİMER» دۇنيا ئۇچۇر - ئالاقە بىرلىكى رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ساھەسىنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى «WSIS Prize 2019 Champion» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

cimer odul1.jpg
cimer odul2.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسىلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فەخرىتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «جۇمھۇر رەئىسىلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۇنجى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق. ب د ت خەلقئارا تېلېفون تېلېگراف، ئۇچۇر ئالاقە بىرلىكىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن دۇنيا ئۇچۇر - ئالاقە بىرلىكى رەھبەرلەر يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە مەركىزى "CİMER" ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ساھەسىنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى بولۇپ تاللاندى» دېدى.

فەخرىتتىن ئالتۇن يىغىن ۋە مۇكاپاتقا ئالاقىدار رەسىملەرنىمۇ ھەمبەھىرلەشتى.

فەخرىتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم رۇلىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە مەركىزى "CİMER" نىڭ 2019يىللىق ئەڭ ياخشى لايىھە بولۇپ تاللانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

8ئاپرىلدا باشلانغان سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى تېمىسى بويىچە 12ئاپرىلىغىچە داۋاملىشىدىغان دۇنيا ئۇچۇر - ئالاقە بىرلىكى رەھبەرلەر يىغىنى، ئۇچۇر - ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان خەلق تۇپىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۈپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر