خىتايدا 25 ۋاگونلۇق يۈك يوپىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 4 كىشى ئۆلدى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان خېنەن ئۆلكىسىدە بىر يۈك يوپىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 4 كىشى ئۆلدى ۋە 2 كىشى ئىز – دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى.

خىتايدا 25 ۋاگونلۇق يۈك يوپىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 4 كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ گوڭيى شەھىرىدە ئاليۇمىن جەۋھىرى ئېلىپ كېتىۋاتقان يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

25 ۋاگونلۇق پويىزنىڭ 13 ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ، بەزىلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە 4 كىشى ئۆلگەن.

ۋەقەدە ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن 2 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلدى.


خەتكۈچ: پويىز , خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر