ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن «Wikileaks» نىڭ قۇرغۇچىسى نازارەتكە ئېلىندى

مەركىزى ئىشخانىسى شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا بلوگ تورى «Wikileaks» نىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسسانج 2012 – يىلىدىن بۇيان پاناھلىنىۋاتقان ئېكۋادورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدا نازارەتكە ئېلىندى.

ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن «Wikileaks» نىڭ قۇرغۇچىسى نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون ساقچى ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېكۋادور تەرىپىدىن بېرىلىگەن پاناھلىنىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن جۇلىئان ئاسسانجنىڭ ئېكۋادورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«Wikileaks» تورى بولسا، ئاسسانجنىڭ پاناھلىنىش ھوقۇقىنى ئېكۋادورنىڭ قانۇنسىز بىر شەكىلدە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«Wikileaks» تورى تەرىپىدىن ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئېكۋادورنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ بىر قانچە كۈن ھەتتا سائەتلەر ئىچىدە ئاسسانجنىڭ ئېكۋادور ئەلچىخانىسىدىن چىقىرىۋىتىلىدىغانلىقىنى ۋە نازارەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«Wikileaks» تورىنىڭ باياناتىدا بۇ قارارغا قارىتا «ئېكۋادور پىرېزىدېنتى لېنىن مورېنونىڭ ئىنىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان ۋە قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن ھېسابقا دائىر ئەيىبلەشلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قىلىش ئۇرۇنىشى» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى. 

ئاسسانج ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇنلىغان يېزىشمىلىرىنى ئىنتېرنېت بېتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا ئاشكارىلىۋەتكەن ۋە قاتتىق تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولغان بولۇپ، 2012يىلىدىن بۇيان لوندوندىكى نايتسبرج رايونىدا تۇرۇشلۇق ئېكۋادور ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تېلەپ، ئەلچىخانىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيدىن چىقماي ياشىماقتا ئىدى. 

ئەنگلىيە مەھكىمىسى ئاسسانجنى 2010يىلىدا ئىككى ئايالغا جىنىسىي ھۇجۇمدا بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئاسسانج قايتۇرۇپ بېرىش قارارىدىن كېيىن، 2012يىلى شېۋىتسىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئامېرىكغا يولاپ بېرىش خەۋپى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىكۋادورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىدى ئىدى.

شۋېتسىيە مەھكىمىسى 2017يىلىدا ئاسسانجغا ئالاقىدار دېلولارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئېكۋادورمۇ ئاسسانجنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، ئېكۋادور پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر