دالاي لاما دوختۇرخانىدىن چىقتى

كۆكرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان تىبەتنىڭ روھانىي رەھبىرى دالاي لاما بالنېستتىن چىقتى.

surgundeki tibetliler dua.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تىسېتېن سامدۇپ چىھوئېكياپا ئېلان قىلغان باياناتىدا، روھانىي رەھبەر دالاي لامانىڭ داۋالىنىپ چىققانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دالاي لاما داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە سۈرگۈندىكى بارلىق تىبەتلىكلەر ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس دۇئا قىلىشتى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتغا ئېرىشكەن 83 ياشلىق بۇددىست رەھبەر دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى 1959 – يىلىدىكى قوزغىلاڭ ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، تىبەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ 700 يىلدىن بۇيان خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تىبەتلىكلەر بولسا، تىبەتنىڭ ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىدالاي لامانىڭ تىبەت ئۈچۈن ئالاھىدە مۇختارىيات تەلەب قىلىشىنىمۇ «بۇ بىر مەخپىي مۇستەقىللىق ئۇرۇنۇشى» دېگەننى باھانە قىلىپ رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر