دانىيەدىكى بىردىن بىر تۈرك پارلامېنت ئەزاسى بۇ قېتىم يەنە قايتا نامزات كۆرسىتىلدى

دانىيە پارلامېنتىنىڭ بىردىن بىر تۈرك پارلامېنت ئەزاسى يىلدىز ئاقدوغان پارتىيەسى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرىدا قايتىدىن نامزات كۆرسىتىلدى.

دانىيەدىكى بىردىن بىر تۈرك پارلامېنت ئەزاسى بۇ قېتىم يەنە قايتا نامزات كۆرسىتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىز ئاقدوغان دانىيەدىكى ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسى تەرىپدىن 2007يىلى تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پارتىيە كېڭەش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈنمۇ قايتىىن نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

يىلدىز ئاقدوغان 2015يىلىدىكى سايلاملاردا 4284 ئالاھىدە ئاۋازغا ئېرىشىش بىلەن پارلامېنتتىن ئورۇن ئېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن بىردىن بىر تۈرك پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئىدى.

يىلدىز ئاقدوغان بۇ قېتىمقى سايلام تەييارلىقى ھەقىقىدە توختىلىپ، «بۇ قېتىممۇ ئەڭ ئاز دېگەندە 4284 ئالاھىدە ئاۋازغا ئېرىشىدىغانلىقىمنى تەخمىن قىلىۋاتىمەن لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە ئاۋازغا ئېرىشىنى خالايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرىۋاتىمەن. چۈنكى دانىيەدە ئالاھىدە ئاۋاز ئىنتايىن مۇھىم. قانچە كۆپ ئالاھىدە ئاۋازغا ئېرىشەلىسىڭىز پارلامېنتتا شۇنچىلىك كۈچلۈك سادا ياڭراتالايسىز» دېدى.

پارتىيەسى ئۇنى كوپېنھاگېندىن پارلامنت ئەزاسى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، يىلدىز ئاقدوغان «ھازىر پارتىيەمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە قارايدىغان بولساق، كوپېنھاگېندا 4 پارمېنت ئەزاسى چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەن قايتىدىن 3رەتتىن پارلامېنت ئەزالىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمەن» دېدى.

يىلدىز ئاقدوغان ئەگەر ئىجتىمائىي دىموكراتىيە پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، دانىيەدىكى چەت ئەللىكلەرگە قارىتىلغان قاتتىق سىياسەتلەرنىڭ يۇمشايدىغان ياكى يۇمشىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلمايمەن. چۈنكى دانىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى قائىدە - قانۇنلاردىن مەمنۇن» دېدى. 

دانىيە پارلامېنتىدىكى بىردىن بىر تېگى چەت ئەللىك ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يىلدىز ئاقدوغان، بۇنىڭ چوڭ بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە قولىدىن كېلىشىچە بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسدىن چىقىشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى. 

دانىيەدە ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ 17ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر