تالىبان باغلاندا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستان مىقياسىدا «ئەلفەتىھ» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تالىبان باغلاندا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بالا دۇرى رايونىدا تالىبان تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئاللاھ داد فىدائىي بىلەن 4 مۇھاپىزەتچىسى يارىدار بولدى.

باغلان ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى جاۋىد بەشارەت تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ باغلاننىڭ بالا دۇرى رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بىلەن 4 قوغدىغۇچىسىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باغلان ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىسى مۇدىرى ئەنۋەر ۋارداق تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا يارىدار بولغان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بىلەن 4 قوغدىغۇچىنىڭ بالنېستتا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. 

تالىبان يەنە بىر تەرەپتىن «ئەلفەتىھ» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر