تالىبان قۇندۇز شەھىرىدە 6 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 38 كىشىنى يارىدار قىلدى

ئافغانىستاندا تالىبان مىلىتانلىرى شىمالدىكى قۇندۇز شەھىرىدە ھۇجۇم قىلىپ 6 كىشىنى ئۆلتۈردى.

تالىبان قۇندۇز شەھىرىدە 6 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 38 كىشىنى يارىدار قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئېنامۇددىن رەھمانى تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ قۇندۇز شەھەر مەزكىزىدە 3 تەرەپتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلىدىن تۇقۇنۇش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھمانى ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

قۇندۇز ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) مۇئاۋىن باشلىقى سەفىئۇللاھ ئامىرىمۇ ھۇجۇمدا، 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 38 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شاھىدلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇم سەۋەبىدىن بەزى ساقچى پونكىتلىرى تالىباننىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

قۇندۇز شەھەر مەركىزى 2015يىلىدا تالىباننىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قىسىملىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر