ئەردوغان مېركېلگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان مېركېلگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئانىسىنىڭ ۋاپاتى يۈزىسىدىن تەزىيە تېلەكلىرىدە بولدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر ئالاقە باشقارمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان مېركېلگە تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىڭ ۋاپاتى يۈزىسىدىن تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر